Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىم يوللىرى
دۇنيا تارىخى
رىم دۆلىتى سىرتقا كېڭىيىپ ئىتالىيىنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا (مىلادىدىن ئىلگخرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگخرىكى Ⅲ ئەسىرگىچە) ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىي ھۆكۈمرانلىق ئېھتىياجىنى كۆزلەپ ئارقا - ئارقىدىن بىر قىسىم يوللار (تاشيول) نى ياساتقان. ئاساسلىقلىرىدىن: (1) ئاپپىيە يولى. رىم شەھىرىدىن باشلىنىپ جەنۇبتا كامپانىيىدىكى كاپويىگە، ئاندىن شەرقىي جەنۇبتىكى تارېنتقا يېتىپ بارىدۇ. يەنە كالابرىيىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئادرىياتىك دېڭىزدىكى برىندىس پورتىغا يېتىپ بارىدۇ. (2) فلامىنىيە يولى. رىم شەھىرىدىن باشلىنىپ شىمالدا ئومېرىيە چېگرىسى ئاقرىلىق، سېكۋانلارنىڭ ئادرىياتىك دېڭىزى بويىدىكى شەھىرى فانۇم فورتۇناغا يېتىپ بارىدۇ. (3)ئېمىلىيە يولى. قانۇن فورتۇنادىن باشلىنىپ دەريانىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيىدىكى مۇتىنا ئارقىلىق پادۇس دەرياسى (پو دەرياسى) نىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى پلاسېنتىيەگە يېتىپ بارىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە رىم شەھىرىدىن باشلىنىپ، شىمالدا ئېمىلىيە يولى بىلەن قوشۇلىدىغان كاسسىيە يولى بار؛ رىم شەھىرىدىن باشلىنىپ، شەرقتە سامىنئى رايونىغا بارىدىغان لاتىن يولى قاتارلىق يوللار بار. يوللارنىڭ كۆپىگە تاش ياتقۇزۇلغان، يولنىڭ ئۈستى بېلىق سىرتى قىلىپ ياسالغان بولۇپ، كەڭلىكىنى ئۆلچىشى خېلىلا توغرا، ئۇ رىم بىناكرالىق تارىخىدىى بىر تۆھپە ھېسابلىنىدۇ.رىمنىڭ ئىتالىيە چېگىرىسىنىڭ سىرتىغا قاراپ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ھەر قايسى مەمۇرىي ئۆلكىلەرمۇ كەڭ كۆلەمدە يول ياسىتىپ، بۇ يوللارنى رىم بىلەن تۇتاشتۇرغان؛ يوللاردا بىكەت قۇرۇپ، ئالماشتۇرىدىغان ئاتلارنى ھازىرلاپ، خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇرغان. بۇ يوللار ھەر قايسى جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنىمۇ ئوينىغان.