Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەرەۋىيىن جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ماراكەشتىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى فىس شەھىرىدىكى كونا شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان قەرەۋىيىندىكى كۆچمەنلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا. بۇرۇن «شەرىف جامەسى» دېيىلەتتى. بۇ مەسچىتنى سېلىش 857 - يىلى باشلانغان. قەيرەۋانلىق باي مۇھەممەد فەخرىنىڭ قىزى مۇھاشنا خانىم (فاتىمەمۇ دېيىلىدۇ) پۇل ئىئانە قىلىپ سالدۇرغان ھەم مەسچىتكە ئۇل قويۇپ بەرگەن. نەچچە قېتىم كېڭەيتىپ سېلىش ئارقىلىق، مەسچىتنىڭ كۆلىمى چوڭايغان. تاش ياتقۇزۇلغان 16 چىغىر يول مەسچىتنىڭ غايەت چوڭ ھويلىلىرىغا تۇتىشىدۇ. ھەممە ھويلىغا گۈللۈك خىش يېيىتىلغان. ھويلىنىڭ ئېگىز تېمىغا رەڭلىك رەسىملەر ئورنىتىلغان، رەسىم رامكىلىرى ئاق تاشتىن ئويۇپ تەييارلانغان. ناماز زالىغا 365 تال تۈۋرۈك قويۇلغان بولۇپ،شىمالىي ئافرىقىدىكى قەدىمىي مەسچىتلەرنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ. 1143 - يىلى قايتا كېڭەيتىپ سېلىنغاندىن كېيىن، رەسمىي قەرەۋىيىن ئۇنىۋېرسىتېتى تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئىسلام دۇنياسىدىكى دىن ۋە پەن مەدەنىيەتلىرى مەركىزى بولۇپ قالدى. 1956 - يىلى ماراكەش مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، مەكتەپتە يېڭىچە ئوقۇتۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئىسلام پەلسەپىسى فاكۇلتېتى، ئەرەب تىلى فاكۇلتېتى، قانۇنچىلىق فاكۇلتېتى، مائارىپ فاكۇلتېتى تەسىس قىلىندى. ئافرىقىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى كەلدى. 1957 - يىلىدىن باشلاپ قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلدى. مەكتەپنىڭ چوڭ كىتابخانىسى بولۇپ، بىر نەچچە يۈز مىڭ كىتاب ساقلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەتىۋارلىق قوليازمىلارمۇ بار.