Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەرن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەسىر، دەۋر:
تارتسە يۈز قەرن خىرەد خازىنى،
چەكمەگەي ئانىڭ كۆپىدىن ئازىنى.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈز يىل، ئەسىر؛ دەۋر، ئۇزاق مۇددەت؛ مۈڭگۈز.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قەرن - قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قوللىنىلغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، بىر قەرن قەدىمكى بىر ئەسر ۋاقىتنى بىلدۈرگەن. قەدىمكى ئىراننىڭ بىر ئەسىرى 30 يىل، چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ بىر ئەسىرى 32 يىل ھېسابلىناتتى (ئەلشىر ناۋائى: <مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن>، 136 - بەت).