Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەرەل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەلگىلەپ قويۇلغان ۋاقىت، چەك قويۇلغان ۋاقىت.
<مۆھلەت>، <سۈرۈك> پۈتتۈرۈشكە ياكى قايتۇرۇشقا بەلگىلەنگەن ۋاقىت.
<ئىددەت> ئەردىن چىققان خوتۇننىڭ ھامىلدار ياكى ھامىلدار ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن چەكلەنگەن ۋاقىت.
ئىشقا ياراپ قالسا ئىلىمىڭ بىر مۇددەت، يەنە ئاشۇرۇشقا قىلغىن ست شىددەت. قەرزنى قەرەلىدە قايتۇر. ئىددەت تۇتۇش ياخشى ئادەت. سۈرىكى توشقان نەرسىنى ۋەدە بويىچە ۋاقتىدا قايتۇرۇش لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەلۇم ئىش - پائالىيەت ئۈچۈن بەلگىلەپ قويۇلغان ۋاقىت، ۋاقىت چېكى، مۇددەت: قەرەلى توشماق.