Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەرىش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
غېرىچ قول بارماقلىرىنى ئاچقاندا باش بارماقتىن چىمچىلاققىچە بولغان ئارىلىق:
زۇلفى ئېگىنگە يېتەر گەر سەچى يەرگە سۆدرەلۇر،
تېڭىدۇرۇر قەيدىم ئۈچۈن گەر بىر قەرىش، بىريۈز قۇلاچ.
نەۋايى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۈستىگە چىققىلى بولىدىغان تاغ چوققىسى.
ئوغۇزچە.
1 - 479
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاتنىڭ گەجگىسى، ئۇچىسى.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قەرىش ياغىرى ئوغۇلقا قالىر _ گەجگە يېغىرى ئوغۇلغا قالار. بۇ سىڭىرلار توپلانغان يەر بولغاچقا، بۇ يەردىكى يېغىر ئاسان ساقايمايدۇ. بۇ ماقال شۇنداق يېغىردىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 479
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇرۇش ۋە جاڭگالدا تاقابىل تۇرۇش، قارشىلىق كۆرسىتىش.
1 - 479