Uyghurئاساسىي لۇغەت
قالماش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
سەپسەتە، بىھۇدە گەپ:
دىمە، ئەي ناسىھكى، قىلمايسەن سۆزۈم بىرلە ئەمەل،
خاتىرىمدە قايدا قالمىش مۇنچە قالماشىڭ سېنىڭ.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
سەپسەتە، بىھۇدە سۆز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاساسسىز، بىمەنە نەزەرىيە ۋە باشقىلار.
سەپسەتە ئاققان يەردە، ھەقىقەت ئاقمامدىكەن! سەپسەتە بىر كۈنلۈك، ھەقىقەت مەڭگۈلۈك. قۇرۇق گەپكە يول قويساڭ، ھەممىنى قۇرۇتىدۇ.