Uyghurئاساسىي لۇغەت
قالقان پۇلى
دۇنيا تارىخى
ھەربىي مەجبورىيەتنى كەچۈرۈم قىلىش بېجى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ ئوتتورا ئەسىردىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۈچۈن ئالغان باج، ھېنرى Ⅱ تەختكە چىققاندا (1154 - 1189) رىتسارلاردىن ئىگىلىگەن يېرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ باج ئېلىشنى يولغا قويغان، كورۇل بۇ باج ئارقىلىق ياللانما ئارمىيە ئېلىپ، ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە ۋاقىتلىق چاقىرىلىدىغان رىتسارلارنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. جون (يەرسىز شاھ) تەختكە چىققاندا، قالقان پۇلىنى كۆپ يىغقانلىقى، باج نورمىسىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆستۈرگەنلىكتىن رىتسارلارنىڭ نارازىلىقنى قوزغغان. 14 - ئەسىرگە كەلگەندە، پارلامېنت پۇل ئاجرىتىپ ياللانما قوشۇن توپلاشقا ئۆزگەرتىلىپ، قالقان پۇل يىغىشنى توختاتقان. 17 - ئەسىردە چارلېس Ⅱ تەختكە ئولتۇرغاندا رەسىمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. قالقان پۇلى يىغىش رىتسارلانىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتىدىن چەتلەپ كېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى مەخسۇس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزا تۆرىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان، كېيىنكى چاغلاردا ئەنگلىيىدە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. فرانسىيە - گېرمانىيىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش باجلارنى يىغقان.