Uyghurئاساسىي لۇغەت
قالى
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەگەر، مۇبادا؛ نەقەدەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گىلەم، زىلچا: قالى باق - گىلەم توقۇغۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەرت باغلىغۇچىلار: قوشما جۈملىدىكى باش جۈملە بىلەن شەرت بېقىندى جۈملىنى باغلايدۇ.
قىلسا ئەگەر
ئىككى جاھىل جېدەل - ماجىرا، ئۈزۈلىدۇ بولسا زەنجىر بۇ ئارىدا. ئاددىي تاش سۇندۇرسا زەر قاچىنى گەر، تاش داڭقى ئۆسمەيدۇ، كەمستىلمەس زەر. ئەگەردە دۈشمەنگە سەل قارىساڭ، مەغلۇپ بولىسەن. ئەگەر چەندە يامغۇر ياغمىسا، ئەتە بارىمەن. ئەگەركى، سەن بارمىساڭ، مەنمۇ بارمايمەن. ئەگەركىم خاماننى ۋاقتىدا تەپمىسەڭ، ھوسۇلدىن جەزمەن زىيان تارتىسەن. مۇبادا تىرناقچە ئىش قىلسا شۇ ئەر، ياخشى ئايال ئۇنى تاغدەك كۆپتۈرەر. ناۋادا ماختاش ئورۇنسىز بولسا، ئۇ خۇشامەتتۇر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
«قانداق، ئەگەر، ناۋادا» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كەلسە قالى قاتىغلىق
ئەرتەر تەيۈ سەرىنگىل
ئۆزلەك ئىشىن بىلىپ تۇر
ئانچا ئاڭار تىرەنگىل
ساڭا قاتتىق كۈن كەلسە،
بۇمۇ كېتەر دەپ سەۋر قىل،
زاماننىڭ ئىشىنى بىلىپ تۇر،
ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تىرەنگىن (تاقابىل تۇر).
ئەگەردە ساڭا قاتتىق كۈنلەر كەلسە، بۇمۇ ئۆتۈپ كېتەر دەپ سەۋر قىلغىن؛ دۇنيا ئىشلىرىنىڭ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇر، ھەر بىر جاپا - مۇشەققەتكە ھەسرەت چېكىپ ئۆزەڭنى ئالدۇرۇپ قويما. بۇ سەن بۇ ئىشىغ قالى قىلدىڭ _ سەن بۇ ئىشنى قانداق قىلدىڭ؟ سەن قالى بارسا سەن _ ناۋادا سەن بارىدىغان بولساڭ.
3 - 321