Uyghurئاساسىي لۇغەت
قال
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قالماق، قېلىش. 1 . بىرەر يەر ياكى بىرەر ھالەتتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماق.
ئاكام ئۆيدە قالدى. * قازاندا يەنە ئازراق ئاش قالدى.
2 . مىراس بولۇپ كەلمەك. بۇ ئاتام زامانىدىن قالغان كونا گەپ. * بۇ ئات ماڭا دادامدىن قالغان. * كونا جەمئىيەتتىن قالغان يامان ئىللەتلەرنى تۈگىتىش كېرەك.
3 . نورمال ھالەتنى يوقاتماق. ئۇ كۆزىدىن قاپتۇ. تۇرسۇننىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن. تىلىدىن قاپتۇ. * تاھىر تاماقتىن قالدى.
4 . مەھرۇم بولماق، ئايرىلماق، يوقاتماق. ئۇ بالا ئوقۇشتىن قالغانىكەن . * تۈنۈگۈنكى پويىزدىن قالدىم. * سايلامدا ۋەكىللىكتىن قالدىم. * قاتاردىن قالغۇچە، خاتادىن قال (ماقال) .
5 . مۇسانىقە ياكى ئويۇندا ئۇتتۇرماق، يېڭىلمەك. سەن مۇشۇ قېتىمقى بىلەن تۆت قېتىم قالدىڭ. * كىم قالسا، ئۈستەل ئاستىدىن ئۆتسۇن. * بۇ قېتىمقى چېپىشتا ئامان ئارقىدا قالدى.
6 . بىرەر يامان ھالغا چۈشمەك. ئۇ قۇرۇق گەپكە قاپتۇ. * تۈنۈگۈن كىنوغا بېرىپ، قايتىشتا يامغۇردا قالدىم. * ئىككى ئارىدا خىجىللىقتا قالماق يەنە. * دوستۇڭ قىيىنچىلىقتا قالسا ياردەم قىل.
7 . مەلۇم چەككە يېتىشتە، بەلگىلىك ۋاقىت بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سائەت ئونغا يەنە بىر سائەت قالدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
قالماق، قېلىش. رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارغا قوشۇمچە مەنىلەرنى قوشىدۇ:
1 . شۇ رەۋىشلەر بىلدۇرگەن ھەرىكەت، قىلىقلارنىڭ تۇيۇقسىز بولغانلىقىنى ياكى بولۇشقا يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇ چاغدا ئۇلار كېلىپ قالدى. * ئۇ بۈگۈن كېلىپ قالىدۇ. * ئويۇن قىزىۋاتقاندا چىراغ ئۆچۈپ قالدى.
2 . ئىش - ھەرىكەتنىڭ تېز ئارىدا بولىدىغالىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ كېلەيدە قالدى. * كەچ كىرەي دە قالدى. * ئاش پىشاي دەپ قالدى.
3 . بولۇشسىز تۈرنىڭ كەينىدە كېلىپ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئىلاجىسىزلىقتىن بولغانلىقنى بىلىدۈرىدۇ. ئۇ ئەمدى بولالماي قاپتۇ. * ياسىن مەجلىسگە كەلمەي قالدى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ياشانغان كىشى، ياشانغان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆز، گەپ، سۆزلىمەك؛ ۋاقىرىماق، سۈرەن سالماق، شاۋقۇن: قالۇمەقال - گەپ - سۆز، شاۋقۇن - سۈرەنلىك گەپ - سۆزلەر؛ قالە - ئېيتتى، سۆزلىدى؛ قالەن - سۆزلەپ، سۆز بىلەن؛ سۆز، گەپ؛ ئۆسەك، پىتنە - پاسات.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ساراڭ، غالجىر، ئالجىغان