Uyghurئاساسىي لۇغەت
قالماق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مىللەت نامى ۋە شۇ مىللەتتىن بولغان ئادەم (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىمداش.
«قال» نىڭ ھەرىكەتنامى.
غۇرۇر ئاپتىپىدىن قىيىن قالماق ساق،
ئاۋۋىلى ئۆزىنى كۆيدۈرۈر بىراق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇڭغۇللارنى بىر خىل ئاتىشى.
قالماق پىچىقى.
روس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدىغان بىر مىللەتنىڭ نامى. قالماق مىللىتى. ئۇلار مۇڭغۇل تىلىنىڭ ئويراد دىئالېكتىدا سۆزلىشىدۇ.
قالماق خەلقى. قالماق تىلى.
قالماق قىز. قالماق ئايال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بارماي، كەتمەي شۇ جايىدا تۇرماق.
ئۆيدە قالماق.
بىرەر ھالەتنى ساقلاپ، ئۆزگەرمەستىن تۇرماق.
قوغۇن - تاۋۇزلار تالادا قالدى.
مەلۇم ئىش، ھەرىكەت، پائالىيەت ۋە ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ سىرتىدا تۇرماق.
سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى باھالاشتا يازغانلىرىنى ئوقۇدى، پەقەت ئەنۋەر بىلەن ئىككىمىزلا قالدۇق.
كۆچمە. ئۆلمەي ئامان تۇرماق، ياشىماق.
دادام ئۆلۈپ كېتىپ، ئاپام، مەن ۋە سىڭلىم ئۈچىمىزلا قالدۇق.
ھەرىكەت تۈگىمەستىن، ئاخىرىغا يەتمەستىن توختىماي.
ئاپتوموبىل يېرىم يولدا قالدى.* ئىش چالا قالدى.
پايدا تەرىقىسىدە ياكى ئىشلىتىلمەي، سەرپ قىلىنماي كىرىم ۋە شۇ قارارلىقلار سۈپىتىدە ئاشماق.
مەن بەش - ئون سوم قالارمىكىن دەپ بۇ ئىشنى قىلدىم.* بۇ يول خىراجىتىدن قالغان پۇل.
مەلۇم چەككە يېتىشتە، بەلگىلىك مۇساپە، ۋاقىت قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى، تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
شەھەرگە يەنە 20 كېلومېتىر يول قالدى.
(بولۇشسىز شەكىلدە كېلىپ) يوق بولماق، تۈگىمەك، تامام بولماق.
ئىشەنچى قالمىدى.
مىراس، يادىكارلىق تەرىقىسىدە بىرەرسىنىڭ قولىغا، ئىختىيارىغا ئۆتمەك.
ئاتامدىن قالغان مۈلۈك، ئانامىدىن قالغان ئادەت (ماقال).
ھاسىل بولماق، تۇغۇلماق.
كىنودىن ياخشى تەسىرات قالدى.
دۇچار بولماق، گىرىپتار بولماق، يولۇقماق، ئۇچرىماق.
بالاغا قالماق. تۆھمەتكە قالماق. قارغىشقا قالماق. نومۇسقا قالماق. ئەندىشىگە قالماق. غەمگە قالماق. پۇشايمانغا قالماق.
مەھرۇم بولماق، ئايرىلماق، يوقاتماق.
كۆزدىن قالماق. كۈچىدىن قالماق. ئىشتىن قالماق. ئوقۇشتىن قالماق. سىنىپتىن قالماق.
ئۇ نازىرلىق ۋەزىپىسىدن قالدى.
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى توختاتماق، بولدى قىلماق.
- بىر ئېغىز گەپتىن قالسىڭىز بولمامدۇ، - دېدى ئۇ مېنى بېسىپ.
(بولۇشسىز شەكلىدە كېلىپ) ئىشتىراك قىلماق، بارماق.
ئېيتمىغان يەرگە بارما، ئېيتقان يەردىن قالما (ماقال).* .ئۇ ھېچ يەردىن قالمايدۇ.
ئايرىلماق.
رەيھان دادىسىدىن كىچىك قالغان.
تۆرەلمەك.
بويىدا قالماق. قورسىقىدا قالماق.
ساقلانماق.
يادىدا قالماق. ئەستە قالماق.
بۇ ئېغىر دەرد - ئەلەملەر كىشىلەرنىڭ دىلىدا قالدى.
يۈكلەنمەك.
ئېتىز ئىشلىر يالغۇز شەرۋانەمگىلا قالدى.
كېچىكىپ، ئۈلگۈرەلمەي، يېتەلمەي ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئايرىلماق.
پويىزدىن قالماق. ئايروپىلاندىن قالماق. يىغىندىن قالماق.
يوقالماق، توختىماق، بېسىلماق، تۈگىمەك.
ئاغرىق قالسىمۇ ئادەت قالماس (ماقال).
بىرگە تەڭ يۈرەلمەي ئارقىدا سۆرەلمەك، كېيىن تۇرماق.
ئېشەك - ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس (ماقال).* ئۇ ئارقاندىن قالماي مەن بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى.
بەلگىلەن ۋاقىتتتىن كېيىنگە سۈرۈلمەك، كېچىكتۈرۈلمەك، باشقا مۆھلەتكە كۆچۈرۈلمەك.
توي كېلەركى ئايغا قالدى.
قالغان ئىشقا قار ياغار (ماقال).
باغلىق بولماق، قاراشلىق بولماق (بىرەر ئىش، مەسىلە ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە).
ھەممە ئىش سەندە قالدى.
بۇ ئىش پۇلدا قالدى.
تۇرماق، ئەمەل قىلماق (ۋەدە، قەسەم، لەۋز ھەققىدە).
قاسىم دېگەن داخەنزە، سېپىل تۈۋىدە قالدى. مېنىڭ يارىم خوخەنزە، ئۆز ۋەدىسىدە قالدى.* مەن ئۆز پىكىرىمدە قالىمەن.
ئىش - ھەرىكەت نامى بىلەن كېلىپ، شۇ ئىش - ھەرىكەتنى بېجىرىش لازىملىقىنى، شۇنداق ۋەزىپە، مەجبۇرىيەت بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
چۆپ پېشتى، پەقەت ئۇنى سۈزۈشلا قالدى.
ئورۇن كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ بىرەر ھادىسىنىڭ بىۋاستە تەسىرىدە بولماق ياكى ئۇنىڭغا ئۇچرىماق.
ئاپتاپتا قالماق. سوغۇقتا قالماق.
پېئىلىنىڭ بولۇشسىز شەكلىدە كېلىپ، <تۆۋەن تۇرماسلىق، تەڭ تۇرۇش> مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
گەپكە گەپ كەلگەندە ئاتاڭدىن قالما (ماقال).* كېۋىر بۇ گەپنى مەنسۇرنىڭ ھەرقانداق ئىشتا باشقىلاردىن قالمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتقانىدى.
پېئىلىنىڭ بولۇشسىز رەۋىشدىشى <ـ ماي> شەكلىدە كېلىپ: 1( <... گە يەتمەي، ئۇلاشماي> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
چاۋار مەتقۇل ئېتىغا مىندى - دە، يېرىم سائەتكە قالماي قىزىلتاغ باغرىغا يېتىپ باردى.
2) <تولۇق، پۈتۈنلەي> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
پەمىمچە، بۇ گەپ - سۆزلەر كونىشەھەر، يېڭىشەھەرنىڭ بارلىق بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا قالماي تارقىلىپ بولدى.
Ⅲ شەخس بىرلىك تۈرىدىكى پېئىل شەرت مەيلىنىڭ قوشۇمچىسى <- سا> بىلەن كېلىپ <كېيىن تۇرىدىغىنى، ئىككىنچىسى> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
دېھقانلاردىن قالسا، جۇڭگو ئاھالىسىنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئىشچىلاردۇر.
بەزى سۈپەت ۋە سۈپەت خاراكتېرىدىكى سۆزلەرگە قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارنى ئانالىتىك ئۇسۇلدا پېئىللاشتۇرىدۇ.
ساق قالماق. ئاچ قالماق. يالىڭاچ قالماق. ئامالسىز قالماق. چارىسىز قالماق. ئىگىسىز قالماق. قۇرۇق قالماق. تاماقسىز قالماق. پۇلسىز قالماق. ئاز قالماق. ماكانسىز قالماق. ئىلاجىسىز قالماق.
بەزى پېئىللارنىڭ چېتىلما رەۋىشداش شەكلى بىلەن كېلىپ: 1( رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ تۇراقلىشىشىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاستا گەپ قىلىڭلار، بالا ئۇخلاپ قالدى.
تامىقىڭنى چاپسان يە، سوۋۇپ قالىدۇ.
2) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ دائىملىق ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مېنىڭ ئىككى تال چىشىم مىدىرلاپ قالدى.
3( رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ تۇغۇلۇشىغا تاسادىپىيلىق تۈسىنى كىرگۈزىدۇ.
ئۇلار چاقچاق قىلىشىپ ئولتۇرۇپلا قىزىرىشىپ قالدى.
4) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزمۇ تۈگىمەي قالدى.
5( سۆزلىگۈچىنىڭ رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتتە مۇشۇ بىر قېتىم بىلەن چەكلىنىشى مۇمكىن دېگەن ئويىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىنتايىن ياخشى كىتاب ئىكەن، ئەپسۇسكى بىرلا قېتىم ئوقۇپ قالدىم.
6) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ بىنامۇ ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ قالدى.
7( بولۇشسىز شەكلىدىكى رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن كالا تېزەكلىمەي قالماس )ماقال(.
ئۇ ھەر قېتىملىق يىغىنغا قاتناشماي قالمايدۇ.
8) ئىمكان تۈسلۈك بولۇشسىز شەكلىدىكى رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتكە تاسادىپىيلىق تۈسىنى كىرگۈزىدۇ.
ئۇ ھاياجانلىنىپ گەپ قىلالماي قالدى.