Uyghurئاساسىي لۇغەت
قايتۇرۇپ چېتىشتۇرۇش
بىئولوگىيە
چېتىشتۇرۇلغان بىرىنچى ئەۋلاد ئىندىۋىدى بىلەن ئەجدادى ياكى گېن تىپى ئەجدادنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئىندىۋىدنىڭ چېتىشتۇرۇلۇشى قايتۇرۇپ چېتىشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ. قايتۇرۇپ چېتىشتۇرۇلغان ئەۋلادنىڭ ئەجداد بىلەن ياكى گېن تىپى ئەجدادقا ئوخشايدىغان ئىندىۋىد بىلەن داۋاملىق چېتىشتۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز قايتۇرۇپ چېتىشتۇرۇش دېيىلىدۇ. تۈر يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىدا دائىم قايتۇرۇپ چېتىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، مەلۇم بىر ئەجداد ئالامىتىنىڭ شالغۇت ئەۋلادتا ئىپادىلىنىشى كۈچەيتىلىدۇ. قايتۇرۇپ چېتىشتۇرۇشتىن پەيدا بولغان ئەۋلاد قايتۇرۇپ چېتىشتۇرۇلغان شالغۇت دەپ ئاتىلىدۇ.