Uyghurئاساسىي لۇغەت
قايتۇرما
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ناخشىنىڭ ھەر بىر كۇپلېتىدىن كېيىن قايتىلىنىدىغان قىسمى.
ناخشا كانى، ماكانى
تارىم مېنىڭ دىيارىم.
ناخشا مېنىڭ بايلىقىم،
ئىپتىخارىم، مادارىم.
تارىم مېنىڭ دىيارىم،
ناخشام بايلىق، مادارىم.
سەھنەم باغ، ئۆزۈم بۇلبۇل،
سايرايمەن سەھەر - ئاخشام.
كۈيلەيدۇ زامانىمنى
ئېيتقان جەڭگىۋار ناخشام.
نەقرات
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. قايتۇرۇلىدىغان ياكى قايتۇرۇپ قىلىنىدىغان.
قايتۇرما ھۇجۇم. قايتۇرما زەربە. قايتۇرما مۇھاسىرە.
سۈپ. قايتىلىدىغان.
قايتۇرما كېزىك. قايتۇرما چېتىشتۇرۇش.
ئى <مۇز> ناخشا ئاھاڭلىرىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئورۇنداشىتىن كېيىن تەكرارلىنىپ قايتا كەلگەن بۆلەك كۆزدە تۇتۇلىدۇ.