Uyghurئاساسىي لۇغەت
قايتماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بارغان يەردىن چىققان يەرگە قاراپ يۈرمەك.
بارماق
بۇ يەردىن ئۇ يەرگە يۈرۈپ كەتمەك.
ئانام بارغۇچە، لەيلىقازاق توزۇپتۇ. بارار يېرى سامانلىق. كىشىگە قىلغان ئۆزىگە يانار. ئېشەك ئۆز يېرىگە قايتىدىغان يولنى بىلىدۇ. قاغىنىڭ بارغىنىنى سورىما، يانغىنىنى سورا. بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم، يانمىساڭ يېرىم يولدا سۇن تاۋىقىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇرغان بېرىدىن ئەسلى چىققان يېرىگە بارماق.
بېرىشتىن بۇرۇن قايتىشىنى ئويلا. كىشىگە قىلغان ئۆزىگە يانار. يېرىم كۈننىڭ يېنىشى يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىققان يەرگە كەلمەك.
ياخشىلىق قىلساڭ، ياخشىلىق يانار. قايتقان مالدا بەرىكەت بار. بارىسەن دېگەن يارىم، يانىسەن دېگەن يارىم، سەن مەندىن ئايرىلساڭ، ئۆلىسەن دېگەن يارىم. بازاردا ھەمراھىڭ بولاي، قايتاردا جۈپتۈڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئەسلى كەلگەن ياكى تۇرغان يېرىگە بارماق، دەسلەپكى يېرىگە كەلمەك.
ئۆيگە قايتماق.
بىرەر نەرسىگە تېگىپ يانماق.
ئۇ توپنى كۈچ بىلەن تېپىۋېدى، ۋارىتانىڭ ئۈستۈنكى ياغىچىغا تېگىپ كەينىگە قايتتى.
ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلمەك، بۇرۇنقى ھالىتىگە ئوخشاش بولماق.
ناۋادا ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلسا، مەن 20 نەچچە يىللىق بۇرۇقتۇرمىلىقنى ئاخىرلاشتۇرىمەن - دە، ياشلىقىمغا قايتىمەن.
كۆچمە. يانماق، سوۋۇماق.
دىلى قايتماق. كۆڭلى قايتماق.
كۆچمە. ۋاز كەچمەك، يانماق.
پىكرىدىن قايتماق. نىيىتىدىن قايتماق. خاتا يولدىن قايتماق.
كۆچمە. كەتمەك، يوقالماق، تۈگىمەك.
ئىسسىقى قايتماق. ئىششىقى قايتماق.
ئۇنىڭ ئاچچىقى قايتتى.
سېتىلىپ تۈگىمەي ئېلىپ كېلىنمەك (تىجارەت ھەققىدە).
قايتقان مالدا بەرىكەت بار (ماقال).