Uyghurئاساسىي لۇغەت
قايتا قايتا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قايتا - قايتىلاپ، ئۈستى - ئۈستىگە، بىر قىلغان ئىشنى يەنە قىلىش.
سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ، تەكرار سۆزلىمە. تەكرار - تەكرار چۈشەنچە بېرىلىسمۇ ئۆزگەرمىگەنلەرگە جازادىن باشقا ئامال يوق. قايتا - قايتا پالتا ئۇرساڭ، چوڭ دەرەخمۇ ئۆزۈلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىر نەچچە قېتىم، تەكرار - تەكرار، يېنىش - يېنىش.
قايتا - قايتا ئويلانماق. قايتا - قايتا تەكشۈرمەك. قايتا - قايتا سورىماق.