Uyghurئاساسىي لۇغەت
پسىخىك ۋە جىسمانىي دوختۇرلۇق ئىلىمى
پسىخولوگىيە
بۇ بىر خىل كىلىنكلىق تەلىمات. بەزى كېسەللىكلەر (مەسىلەن، كانايچە زىققىسى، ئاشقازان يارىسى، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىقى) نىڭ يۈز بېرىشى ياكى ياخشىلىنىپ قېلىشى كەيپىيات ئامىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى كېسەللىكلەر پسىخىك - جىسمانىي كېسەللىك ياكى پسىخو - فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىك دەپ ئاتىلىدۇ.