دائىرە: خىمىيەمېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى Platinum(Pt.) كۈمۈشتەك ئاق، پارقىرايدۇ، سوزۇلىدۇ؛ توك ۋە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىيىتى ياخشى، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن تېگىل ۋە ئېلېكتىر قۇتۇپى ياساشقا بولىدۇ؛ ئۇنى يەنە كاتالىزاتور قىلىشقا بولىدۇ.