Uyghurئاساسىي لۇغەت
پفالز
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئەسىردە گېرمانىيە زېمىنىدىكى بىر كىنەزلىك بولۇپ، تەخمىنەن ⅩⅡ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ كىنەزى پفالز گرافى دېگەن ئۇنۋانغائ ىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، پفالز گرافلىقى دەپمۇ ئاتالغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىد پفالز گرافى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بېگىگە ئايلانغان. پفالزنىڭ زېمىنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن: يۇقىرى پفالز يەنى رېين پفالز مائىن دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا، رېين دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان؛ تۆۋەن پفالز باۋارىيە كىنەزلىكىنىڭ شەرقىگە، ئامبېرگ ۋە رېگېنسبېرگنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا جايلاشقان. شۇڭا يۇقىرى، تۆۋەن پفالز جۇغراپىيە جەھەتتە ئۆزئارا تۇتاش ئەمەس. 1619-يىلى پفالزنىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بېگى فرېدرىخ Ⅴ نىڭ ئىمپېراتور سايلىغۇچى بەگىلىك ئۇنۋانىنى تارتىۋېلىپ، بۇ ئۇنۋاننى باۋارىيە كىنەزىگە بەرگەن. فرېدرىخ Ⅴ نىڭ ئوغلى چارلېس 1648-يىلى <ۋېستفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى> غا ئاساسەن، تۆۋەن پفالزغا قايتىدىن ئىگە بولغان.