Uyghurئاساسىي لۇغەت
پسىخىك ھادىسە
پسىخولوگىيە
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ تەسىرىگە بەرگەن رېئاكسىيىسى ياكى ئىنكاسىدا ئىپادىلەنگەن تۈرلۈك ھادىسلەردۇر. پىسخىك ھادىسە پىسخىك پائالىيەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادىمنىڭ پىسخىك ھادىسىسى تولىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن شەكىللىرى بار. پىسخولۇگىيىدە، ئادەمنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. پىسخىك جەريان مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىلىش جەريانى، ھېسىيات جەريانى، ئىرادە جەريانى.
سەزگۈ، ئىدراك، خاتىرە، خىيال ۋە تەپەككۇر قاتارلىق پىسخىك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلىش جەريانىغا كىرىدۇ. قانىلىيەت، خاراكتېر تېمپېرامېنت (مىجەز) قاتارلىقلار ئىندىۋىدۇئال پىسخىك ئالاھىدىلىك دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن پىسخىك ھادىسىلەرنىڭ ھەر قايسى قىسىم ۋە ھەر قايسى تەرەپلىرى ئۆزئارا ئالاقىسىز، ئۆز ئالدىغا ئايرىم - ئايرىم نەرسىلەر بولماستىن، بىر - بىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. بىلىش، ھېسىيات، ئىرادە ئارىسىدا، قابىلىيەت، تىمپېرامېنت، خاراكتېرلەر ئارىسىدا ئۆزئارا باغلىنىش بار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پسخىك جەريانلار بىلەن پسخولوگىيىدە بايان قىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈنلا ئۇنى تۈرلۈك بۆلەكلەرگە بۆلگەن. ئەمما كىشىنىڭ پسخىك قىياپىتىنى چوڭقۇر بىلىش ئۈچۈن، پسخىك ھادىسىلەرنىڭ تۈرلۈك قىسم، تۈرلۈك تەرەلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.