Uyghurئاساسىي لۇغەت
پوۋېست
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(رۇسچە، ئەرەبچىدىكى قىسسىگە توغرا كېلىدۇ)
قىسسە خاراكتېرىدىكى ئېپىك نەسرى ئەسەرلەرنىڭ بىر تۈرى. پوۋېست ھېكايىدىن شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، ئۇنىڭدا بىر ئەمەس بىر نەچچە ۋەقە تەسۋىرلىنىدۇ، كىشى ھاياتىنىڭ، يەنى ئەسەردىكى شەخس ھاياتىنىڭ بىر دەۋرى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن: ئەخەت تۇردى يازغان <قىيانلىق دەريا>، ف. جېلىل يازغان <مېھرىبان>، سەمەت دۇگايلى يازغان <كىچىك لەقۋا> پوۋېستلىرى يۇقىرىدىكى سۆزىمىزنىڭ ياخشى دەلىلى بولالايدۇ. بۇ پوۋېستلاردىكى ئالاھىدىلىك شۇكى، بۇنىڭدىكى پېرسوناژلار پوۋېستتىكى ئاساسىي قەھرىمانلارنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، باش قەھرىمان ئوبرازىنى ئېچىپ بېرىشكە بويسۇندۇرۇلغان.
يىغىپ ئېيتقاندا، پوۋېست ھېكايىگە قارىغاندا بىر قەدەر مۇرەككەپ ۋە كەڭ دائىرىدە ئەكىس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، لېكىن روماندىكىگە قارىغاندا ۋەقەلەر ئانچە كەڭ ھەم مۇرەككەپ بولۇپ كەتمەيدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدىئىي نەسىرىي ئەسەرلەر، ژانىرلار. بۇلار ھەجمى ۋە ۋەقەلىك تەسۋىرى بويىچە پەرق قىلىدۇ.
رومان - چوڭ ھەجىملىك، بايان خاراكتېرلىك بولىدۇ. شېئىرىي شەكىلدىمۇ بولىدۇ.
پوۋېست _ ئوتتۇرا ھەجىملىك، قىسسە خاراكتېرلىك كېلىدۇ.
ھېكايە _ كىچىك ھەجىملىك، سۇژىتى ئاد
ئابدۇراخمان قاھارنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» دېگەن رومانى قايتا نەشىر قىلىندى. «قىيانلىق دەريا» ئەخەت تۇردىنىڭ ئۇتۇقلۇق چىققان پوۋېستلىرىنىڭ بىرى. كېيىنكى يىللاردا بىر مۇنچە ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىندى. «نوۋىللا» بىزدە «مىكرو ھېكايە»، «بىر پەسلىك ھېكايە»، «بىر مىنۇتلۇق ھېكايە» دېگەن نام ۋە باشقا ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
ئەدەبىيات
رومانغا نىسبەتەن كىچىكرەك، سۇژىتى ئاددىيراق بەدىئىي نەسرىي ئەسەر، قىسسە.