Uyghurئاساسىي لۇغەت
پۆپۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسلەرنىڭ تالا - تالا ساڭگىلاپ تۇرىدىغان زىننەتلىك قسمى.
زەيتۇن تاۋار دوپپاڭنىڭ پۆپۈكلىرى گۈل ئىكەن، ساڭا كۆيگەن يىگىتلەر ئىندىگە قۇرغۇي ئىكەن. پەدىڭىزنىڭ چوچىسى پەردىڭىزگە زەپ يارىشىپتۇ. ياقۇتنىڭ جۇلاسىنى لاي كۆمەلمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نەرسىلەرنى بېزەش ئۈچۈن قادىلىدىغان بىر باغلام يىپ ياكى تالا - تالا قىلىپ كېسىلگەن قەغەز ۋە رەخت ياكى رەڭدار قۇش پېيى.
دوپپىنىڭ پۆپۈكى.
بىرەر نەرسىنىڭ بىر ئۇچىغا ياكى چۆرىسىگە تۇتۇلغان ياكى ئۆزىدىن ئىشلەنگەن تالالار.
قامچىنىڭ پۆپۈكى. نەيزىنىڭ پۆپۈكى. لەۋھەنىڭ پۆپۈكى.
قۇشلارنىڭ بېشىدىكى پۆپۈك شەكلىدە بىرئاز ئېگىز ئۆسكەن تۈكلىرى.
دەمدەرنىڭ پۆپۈكى. تۇخۇنىڭ پۆپۈكى.
بەزى زىرائەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق چىقىرىش توختىغاندىن كېيىن ئۆسۈپ چىقىدىغان پۆپۈككە ئوخشاش قىسمى.
قوناقلار تەكشى پۆپۈك چىقاردى.