Uyghurئاساسىي لۇغەت
پومېرانىيە
دۇنيا تارىخى
تارىختىكى بىر رايوننىڭ نامى. ھازىرقى پولشانىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئودېر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىن باشلىنپ، شەرقتە ۋاسىفا دەرياسى ئارىلىقىدىكى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى رايونلارغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئودېر دەرياسى بىلەن لېبا دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايونلار غەربىي پومېرانىيە (غەربىي پورمورزې)؛ لېبا دەرياسى بىلەن ۋاسىفا دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايونلار شەرقىي پومېرانىيە (شەرقىي پومورزې)دەپ ئاتىلىدۇ. دائىرىسى تازا كېڭەيگەن مەزگىللىرى غەربتە سترالسۇندىن باشلىنىپ، شەرقتە ۋاسىفا دەرياسىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، روگېن ئارىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەسلىدىكى ئاساسلىق ئاھالىسى سلاۋىيانلاردىن ئىبارەت. مىلادى Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى پولشا تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅺ ئەسىرگە كەلگەندە مۇستەقىل بولغان. 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرى پولشا كورۇلى بولېسلاۋ Ⅲ تەرىپىدىن يەنە بېسىۋېلىنغان. كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن. 2951 - يىلى شەرقىي پومورزې (يەنى پومېرېلىيەدەپمۇ ئاتالغان. يەنى گدانسىك رايونى) يەنە بىر قېتىم پولشاغا قوشۇۋېتىلگەن؛ 1308 -1309 - يىللىرى تيوتۇن رىتسارلار پولكى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، لېكىن 1466 - يىلى يەنە پولشاغا تەۋە بولغان؛ 1772 - يىلى پرۇسسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان بولۇپ، غەربىي پرۇسسىيەنىڭ ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. غەربىي پومېرانىيە 1811 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە بېقىنىدىغان بىر كىنەزلىك (يەنى پومېرانىيە كىنەزلىكى) گە ئايلىنىپ قالغان؛ ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇش داۋامىدا شۋېتسىيە تاجاۋۇز قىلغان (1630 - يىلى)؛ 1648 - يىلى ئىمزالانغان <ۋېستېفارىيە سۈلھ شەرتنامىسى> بويىچە غەربىي قىسمى (ئودېر دەرياسىنىڭ غەربىدىن سترالسوند رايونىغىچە، يەنى يېقىن پومېرانىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) شۇنىڭدەك ئودېر دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىنىڭ بىر قىسمى شۋېتسىيىگە تەۋە بولغان،شەرقىي قىسمى (يەنى يىراق پومېرانىيە) غا براندېنبۇرگ كىنەزلىكىگە ئىگە بولغان؛ 1720 - ۋە 1815 - يىللىرى پرۇسسىيە يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شۋېتسىيىگە تەۋە پومېرانىيىنىڭ جەنۇب (پېنې دەرياسىنىڭ جەنۇبى) ۋە شىمال قىسىملىرىغا ئىگە بولۇۋېلىپ، پومېرانىيە ئۆلكىسىنى قۇرغان. 1945 - يىلىدىكى<پوتسىدام كېلىشىمى> گە ئاساسەن ئودېر دەرياسىنىڭ شەرقىي ھەمدە غەربىي قىرغىقىدىكى سزېسىن رايونىنىڭ كۆپ قىسمى پولشانىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.