Uyghurئاساسىي لۇغەت
پونتوپىدان
دۇنيا تارىخى
(1857 - 1943)، دانىيىلىك يازغۇچى. پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئەسلىدە قۇرۇلۇش ئىلىمىنى ئۆگەنگەن، كېيىن ئوقۇشتىن قېلىپ يېزا ئوقۇتقۇچىسى، مۇخبىر بولغان. 1881 - يىلى ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان، كېيىن مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئىستىلى قاتتىق بولۇپ، غايىگە ئىنتىلگەن. ئەسەرلىرىنىڭ مەزمونى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىپ،كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ چىرىكلىكى ۋە ساختىلىقىنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلققە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان، ئەمما ئۈمىدسىزلىك تۈسى بىر قەدەر ئېغىر. 1917 - يىلى گېللېرۇپ بىلەن بىللە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەسەرلىرى <ئۈمىد يۇرتى>، <تەلەيلىك پىر>، <ئاخىرەتلىك ساراي> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.