Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىكتور
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى 255 - ؟) قەدىمكى رىمنىڭ ئەڭ بۇرۇنى تارىخشۇناسى. داڭدار ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سېنات ئەزاسى. ياش مەزگىلىدە ئارمىيىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ، ئىككىنچى قېتىملىق پئېنى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 216-يىلدىكى كاننې ئۇرۇشىدىن كېيىن، رىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، يۇنانغا بېرىپ دىپلوماتىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. يۇنان يېزىقىدا يېزىلغان <رىم تارىخى> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، كېيىن لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان، يوقىلىپ كەتكەن. بۇ كىتابتا يىراق قەدىمكى زاماندىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگىچە بولغان رىم تارىخى خاتىرىلەنگەن. بولۇپمۇ ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى ھەققىدىكى تەسۋىرلەر بەكمۇ تەپسىلىي يېزىلغان. كېيىنكى تارىخشۇناسلاردىن پوليبىئۇ، لىۋى قاتارلىقلار بۇ كىتابتىكى ماتېرىياللاردىن نەقىل كەلتۈرگەن.