Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىكىر تەپسىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> نى تەپسىر قىلىش شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، مۇفەسسىرلەرنىڭ بىلىمى، كۆرگەن - پۈتكەنلىرىگە ۋە ئىسلام دىنى گۈللىنىشتىن بۇرۇنقى ئەرەبلەرنىڭ تىلى، سىپايەت سۆزلىرى، نەزمە - قوشاقلىرى ئۆرپ - ئادەتلىرىنى چۈشىنىشىگە ئاساسەن، <قۇرئان كەرىم> دىكى سۈرىەرنىڭ ئايەتلىرى پەيدا بولغان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى ياكى ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى تارىخىنى توغرا چۈشىنىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇفەسسىرلەرنىڭ ئوخشاش بىر ئۇقۇم، تىل، ئايەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشى پەرقلىق بولغاچقا، ئوخشىمىغان تەپسىرلەرنى قىلدى. لېكىن، بۇنداق تەپسىرلەر بىر مەھەل ئەيىبلەندى. بۇنداق تەپسىرلەرنى ياقلىغۇچىلار سۈرە ئايەتلەرنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىشنى، سالماق پوزىتسىيە تۇتۇشنى، ئېتىقاد ياكى مەزھەپ پىكرىگە مادارا قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلدى.