Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىكاسو
دۇنيا تارىخى
(1881 - 1973) ئىسپانىيە رەسامى، فرانسىيە ھازىرقى زامان رەسسمامچىلىقىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. مالاككادا تۇغلغان. ئانىسىنىڭ فامىلىسى بىلەن ئاتالغان. دادىسى رەسىم ئوقۇتقۇچىسى بولغان بالىلىق دەۋرىدە بارسېلونا خانلىق سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىن يەنە مادرىد خانلىق سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. رەسىم ئۇسلۇبى جەھەتتە دەسلەپتە كېيىنكى مەزگىلدىكى تەسىراتچىلىققا مەنسۇپ بولغان. 1904 - 1947 - يىللىرى پارىژدا ئولتۇراقلاشقان. كېيىن فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا تۇرغان. <پارىژدا ئولتۇراقلاشقان. كېيىن فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا تۇرغان. >پارىژچىلار< نىڭ باشلىقى بولغان. 1907 - يىلى براكۇ بىلەن بىللە كۇبىزملىق ئۇنىۋېرسال كۇبىزملىق قاتارلىقلارغا تەرەققىي قىلغان. 1920 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە يەنە ئەنئەنگە قىزىقىپ، چىنلىقنى تەسۋرىلەشكە بىر قەدەر ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى كلاسسىىزم دەپ ئاتالغان. 30 - يىللاردا يېڭى رېئالىزمغا مايىل بولغان. 1937 - يىلى ماي بوياق رەسىم >گوئېرىنكا< نى سىزىپ، فاشىستلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئېچىپ تاشلىغان. بۇ ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ قالغان. 1944 - يىلى دۇنيا تىنچلىق يىغىنى ئۈچۈن سىزىپ بەرگەن >تىنچلىق كەپتىرى< تەشۋىقات رەسىمى بىر مەزگىل راس ئەۋج ئالغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ھەيكەلتىراشلىق ۋە فارفور بۇيۇملارنى ياساش بىلەن شۇغۇللانغان. پارىژدا قازا تاپقان. ئەسەرلىرى ھازىرقى زامان غەرب سەنئەت ئېقىملىرىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. قازا تاپقاندىن كېيىن 1800 پارچىدىن ئارتۇق ماي بوياق رەسىم، 7000 پارچىدىن ئارتۇق ئاددىي تەسۋىر رەسىم، 20 مىڭ پارچە ئويما رەسىم، 1200 دىن ئارتۇق ھەيكەل، 3000 دىن ئارتۇق فار - فور بۇيۇم قالدۇرۇپ كەتكەن.