Uyghurئاساسىي لۇغەت
پياۋجىيۇەن
دۇنيا تارىخى
(1737 - 1805) چاۋشيەن بى سۇلالىسىنىڭ ئەمەلىي بىلىم تەرەپدارلىرىدىن بولغان ئالىم، يازغۇچى. تەخەللۇسى جۇڭمېي، ئىسمى يەنبەن، سېئۇلدا تۇغۇلغان. خۇڭ دارۇڭدىن غەربنىڭ ھازىرقى زامان - پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. 1777-يىلى زالىم ۋەزىر خوڭ گورۇڭ قاتارلىقلارنىڭ زىيانەشلىكىدىن ساقلىنىپ ئۈچۈن، سېرىق دېڭىزنىڭ داۋجىنچۇەن دېگەن يېرىدىكى يەنيەن تېغىنى ماكان تۇتۇپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلارنى قېتىرقىنىپ تەقىق قىلغان. 1780-يىلى پياۋمىڭيۇەن بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچراشقان ۋە ئىلىم - پەننى مۇھاكىمە قىلىشقان .چاۋشيەنگە قايتقاندىن كېيىن <رېخې خاتىرىلىرى> دېگەن كىتابنى يېزىپ، جۇڭگونىڭ <خەلق تۇرمۇشىنى يېتەرلىك تەمىنلەشتىن پايدلىنىش> ئەھۋالىنى تونۇشتۇرپ، شۇ چاغدىكى ئىدىيە ساھەسىدىكىلەرگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىن ميەنچۇەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ۋە كاڭۋون - دو شياڭياڭ مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولغان. 65 يېشىدا ئىستېپا بەرگەن. ئۇنىڭ <يەنيەن توپلىمى>، <دېھقانچىلىق - ھەققىدەكۆچۈرمىلەر>، <توپلامغا كىرگۈزۈلمىگەن خاتىرىلەر>، <يەنيەن تاللانمىلىرى> دېگەن ئەسەرلىرى بار. يەنە <ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تەرجىمىھالى>، <ھۆركىرەش>، <شۈيشېڭنىڭ تەجىمىھالى> قاتارلىق ئون ھېكايىسى بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسىنىڭ چىرىك، چۈشكەن تۇرمۇشىنى قاتتىق سۆككەن.