Uyghurئاساسىي لۇغەت
پيۇ دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى زاماندا پيۇ مىللىتىنىڭ بىرمىنىڭ ئىراۋادى دەرياسى ۋادىسىدا قۇرغان دۆلەت. پايتەختى پرومې، پرومې پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پرومېنىڭ سانسكرىتچە نامى سىرىكسېترا، شۇڭا سىرىكسېترا دۆلىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دۆلەت مىلادى Ⅳ ئەسىردە جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابىغا يېزىلغان. ئارخېئولوگىيە ماتېرىياللىرى Ⅶ - Ⅷ ئەسىرلەردە ۋىكراما پادىشاھلىقىنىڭ پرومېغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. Ⅷ ئەسىردىن دۆلەتنىڭ كۈچى قۇدرەت تاپقان. ئۇنڭ زېمىنى ئىراۋادى دەريا ۋادىسىنى تامامەن دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا يېزىلىشىچە، تەۋەسىدە 18 بېقىندى دۆلەت ۋە توققۇز شەھەر - بازار بولغان. ئىگىلىكى راۋاج تاپقان. مېتال پۇلمۇ مەيدانغا كەلگەن. ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بۇددا دىنى راۋاج تاپقان. ئىبادەتخانىلار يۈزدىن ئاشقان. جۇڭگو بىلەن بولغان مناسىۋىتى قويۇق. 802-يىلى (تاڭ سۇلالىسى جىڭيۇەننىڭ 18-يىلى) پادىشاھ يۇڭچاڭ شاھزادە شۇنەنتونى مۇزىكا ئەترىتى ۋە ئۇسسۇلچىلارنى باشلاپ جۇڭگوغا ئەۋەتكەن. تاڭ سۇلالىسىدىكى شائىر بەي جۈيى <پيۇ كۈيى> نى يېزىپ بەرگەن. 832-يىلى نەنجاۋلار پايتەختنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ھالاك بولغان. كېيىن خەلق جەنۇبتىكى پۇگەنگە قېچىپ كەتكەن. پيۇلار تەدرىجىي بىرمىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن.