Uyghurئاساسىي لۇغەت
پياۋيوڭشياۋ
دۇنيا تارىخى
(1861 - 1939) چاۋشيەن يى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ياپونىيە سىياسەتۋاز. تەخەللۇسى زىچۈن، ئىسمى خۇيۈەن، كيوڭگى دونىڭ شۈييۈەن دېگەن يېرىدىن. 13 ياش ۋاقتىدا كوراگانلىققا تاللانغان، جىنلىڭ بېگى مەرتىۋىسى بېرىلگەن. 1882-يىلدىكى <رېنۋۇ يىلى ھەربىي ئۆزگىرىشى> دىن كېيىن، ئەلچى سۈپىتىدە، جىن يۈچۈن، شۈي گۇاڭفەن قاتارلىقلارب ىلەن بىللە ياپونىيىگە بېرىپ، ياپونىيە سىياسەتۋازلىرى بىلەن ئالاقە قىلغان، ۋەتىنىگە قايتىپ كەلەگندىن كېيىن مۇستەقىللىك پارتىيىسى (مەرىپەتچىلەر پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ مەركىزىي شەخسلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار بىلەن قارشىلاشقان. 1884-يىلى جياشېن يىلى سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغاشقا قاتناشقان، كېيىن يېڭى ھۆكۈمەت مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنىڭ ئالدى - كېيىن بارگاھ قىسىملىرى سەركەردىسى ۋە قوشۇمچە سول قول تۇتقاۋۇل بولغان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1885-يىلى يەنە ئامېرىكىغا بارغان. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ياپونىيىگە بېرىپ، ياپونىيە مىلىتاىستلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. 1894-يىلى جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ياپونىيىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، جىن خوڭجى كابىنېتىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىكى چېكىدىن ئاشقان ياپونپەرەس پياۋدېڭياڭ كابىنېتىنى تەشكىللىگەن. شۇ يىلى جياۋۇ يېڭىلىققا كۆچۈشى مەلۇم دەرىجىدە ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1895-يىلى ئاسىيلىق قىلىش سۇيىقەستى ۋەقەسى سەۋەبى بىلەن، يەنە بىر قېتىم ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1907-يىلى ئىئوخروبۇمىنىڭ سالا قىلىشى بىلەن چاۋشيەنگە قايتىپ كېلىپ، ياپونىيىنىڭ <ھامىيىلىق سىياسىتى> نى يۈرگۈزۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەملىشىپ، ئوردا ۋەزىرى بولغان، كېيىن پادىشاھنى تەختنى بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇرلاش مەسىلىسىدە، لى ۋەنيۇڭ، سوڭ بڭجۈن قاتارلىقلار بىلەن كېلىشەلمىگەنلىكتىن گۇناھقا تارتىلىپ، بىر يىل چېجۇ ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ياپونىيە چاۋشيەننى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، مەركىزىي پالاتانىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.