Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىسىر ئۇممە پارتىيىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىسىردىكى مۇسۇلمان زىيالىيلارنىڭ سىياسىي پارتىيىسى بولۇپ، بۇنى 1907 - يىلى ئەھمەد لۇتفى سەئىد (1872 - 1963) قۇردى. مىسىرىدىكى مىللەتچىلىككە ۋە دىندىن خالىيلاشتۇرۇش خاھىشىغا قارشى تۇردى. 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەركىن ئاساسىي قانۇن پارتىيىسى بولۇپ، ئەل ۋەفىد پارتىيىسىگە قارشى پارتىيە بولۇپ ئۆزگەردى. مۇھەممەد ئابدۇنىڭ دىنىي ئىسلاھات ئىدىيىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىدراكقا ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلىدى. ئىسلام دىنىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ، ھازىرقى زامان تەرەققىياتىنىڭ ئېقىشىغا ماسلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى؛ رەشىد رىزانىڭ مۇتەئەسسىپ ئىدىيىسىگە قارشى تۇردى. ئىسلام دىنىنى ئىجتىمائىي قىممەتنىڭ ئۆلچىمى، مىسىر مىللەتچىلىكىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىشنى، لېكىن، باشقا دىنلارنىڭمۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدا مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى.