Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىسىر ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى
دۇنيا تارىخى
مىسىردىكى مىللەتچى ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى. 1948-يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىڭ رەھبىرى ناسىر، دەسلەپ ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تولىسى ئوتتۇرا - تۆۋەن دەرىجىلىك ياش ئوفىتسېرلاردىن بولغان. 950-يىلى ئىجرائىي كومىستېت قۇرغنا، ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ھەخىل ئەسكىرىي تۈرلەردە ئومۇملاشتۇرۇلغان. پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىلىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1952-يىلى مىسىردىكى ئىيۇل ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ، فەرۇق سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەمدە بۇ تەشكىلاتنى ئىنقىلابىي يېتەكچىلىك كومىتېتى قىلىپ ئۆزەەرتىپ تەشكل قىلىپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن. 1953-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، پادىشاھلىق سىياسىي تۈزۈلمىنى بىكار قىلىپ، پارلامېنت ھوقۇقىنى يۈرەۈزگەن. 1956-يىلى 6-ئايدا يېڭى ئاساسىي قانۇن كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن.