Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى<ئەل ئىخۋان> مۇ دېيىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي - سىياسىي تەشكىلاتى بولۇپ، بۇنى مىسىرلىق ھەسەن بەننا 1928 - يىلى ئىسمائىلىيەدە قۇردى. ئەسلىي ئاممىۋى تەشكىلات ئىدى. <قۇرئان كەرىم> نى، ھەدىسنى، شەرىئەتنى يېتەكچى پرىنسىپ قىلىپ، جىھاد ئارقىلىق <ئادىل، باراۋەر، كۆڭۈلدىكىدەك ئىسلام دۆلىتى، ئىسلام تۈزۈمى> بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. 1938 - يىلىدىن كېيىن، سىياسىي تۈسى قويۇقلىشىپ، دىنىي - سىياسىي تەشكىلات بولۇپ ئۆزگەرتىلدى، چېرىكلىكنى تۈگىتىپ، جەمئىيەتنى پاكلاشتۇرۇشنى، غەربلىشىشكە، دىندىن خالىيلاشتۇرۇش تەسىرگە تاقابىل تۇرۇشنى؛ جاھانگىرلىككە، ئىسرائىلىيىنىڭ ئەرەب زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىدى. ئۇيۇشمىنىڭ تەشكىلى چىڭ بولۇپ، قوبۇل قىلىنىدىغانلار قەسەم بېرىش رەسمىيىتىنى بەجا كەلتۈردى. مىسىرنىڭ فېئودال خاندانلىقىغا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئارقىلىق قارشى تۇرغانلىقتىن، ھەسەن بەننا 1949 - يىلى 2 - ئايدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. بۇ تەشكىلات 50 - يىللاردا جامال ئابدۇل ناسىر رەھبەرلىك ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى. دېگەن جىنايى نام بىلەن 1954 - يىلى 10 - ئايدا قانۇنسىز تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىندى. زۇڭتۇڭ سادات ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا (1970 - 1981) بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار نامىدا پائالىيەت قىلىشىغا يول قويدى. زۇڭتۇڭ سادات 1981 - يىلى 10 - ئايدا قەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ تەشكىلات يەنە قانۇنلۇق ئورۇنغا ئىگە بولۇپ پائالىيەت قىلدى. 1984 - ۋە 1987 - يىللىرى سايلامغا قاتنىشىپ پارلامېنتتا ئورۇنغا ئىگە بولدى. مىسىردىن باشقا، ئىئوردانىيە، سۇدان، سۈرىيە، پەلەستىن، لىۋان، تۈركىيە، پاكىستان قاتارلىق جايلاردىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تەشكىلاتلار بار.