Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىسىرنىڭ بىر توققۇز يۈز ئون توققۇزىنچى ۋە يىگىرمىنچى يىللاردىكى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
1919-يىلى 3-ئايدا، مىسىرلىق مىللەتچى زاھلۇل قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى مىسىر خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنىكەلتۈرۈ چىقارغان. ئەنگلىيە قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە مىرنا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتكەن. 1920-يىلى، مىرنا بىلەن زاھلۇل كېلىشىم ھاسىل قىلغان، لېكىن ئەنگلاخيە ھۆكۈمىتى ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. زاھلۇل قاتارلىقلار يەنە قولغا ئېلىنغان. 1921-يىلى 12-ئايدا مىسىر خەلقى يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئەنگلىيە 1922-يىلى 2-ئايدا خىتابنامە ئېلان قىلىپ، مىسىرنىڭ مۇستەقىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان، لېكىن سۇۋەيىش قانىلى رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش ھوقۇقى ۋە باشقا ئىمتىيازلارنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان.