Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېرسېن پەرمانى
دۇنيا تارىخى
(مىلادى 847 - يىلى غەربىي فرانىك كورۇلى چارلېس )تاز( مېرسېندا ئېلان قىلغان بىر پەرمان. ئۇنىڭدا بارلىق ھۈرلەر كورۇل ياكى كورۇلنىڭ ھەرقانداق بىر ئەمەلدارىنى ئۆزىنىڭ خوجىسى قىلىپ تاللىشى، ئۆزى بېقىندى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. بېقىندى ئورۇندا تۇرغان ئادەم ئۆز خوقىسىغا سادىق بولۇشى، جەڭ ۋاقتىدا سەپەرگە ئاتلىنىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ پارماندا خوجا بىلەن بېقىندى ئوتتۇرىسىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەت بەلگىلىنىپ، فېئودال دەرىجىلىك تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.