Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېدالىئون
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بويۇنغا ئېسىپ كۆكرەككە ساڭگىلىتىپ قويۇلىدىغان بېزەك. كۆپىنچە ئالتۇن - كۈمۈش، مەرۋايىتتىن ياسىلىدۇ.
ھازىر مېدالىئون تاقاش خوتۇن - قىزلار ئارىسىدا مودا بولۇپ قالدى. سىلكىنچەك سالغان بوينۇڭدا، قولۇم بولسا ئىدى. زۇننار تاقىغانغا زىننەتلىك بولۇشۇڭ ناتايىن. <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا <بوغماق> سۆزلىمىنىڭ بارلىقى بىزدە بوغماقنىڭ مىڭلارچە يىللار ئىلگىرى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛فرانسوزچە
ئىچىگە رەسىم ياكى باشقا نەرسىلەر سېلىنغان، يۇمىلاق ياكى قىرلىق شەكىلدە قاپچۇققا ئۇخشاش ياسالغان، بويۇنغا ئېسىلىدىغان زىننەت بۇيۇمى.
مېدالىئوننىڭ ئىچىدە يۆگەلگەن ئىنچىكە چاچ بار ئىكەن.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئېزىز ساۋۇتنىڭ پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989 - يىل 12 - ئايدا نەشر قىلنغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <گۈلباھار>، <خەنتەڭرى قىزى>، <مېدالىئون> ناملىق ئۈچ پوۋېستى كىرگۈزۈلگەن. بۇ پوۋېستلاردا خىلمۇ خىل رېئال شەخسلەرنىڭ يارقىن ئوبرازى يارىتىلغان.