Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېدوگال
پسىخولوگىيە
ئەنگىلىيىلىك پىسخولوگ. دەسلەپ جەنچاۋ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دوختۇرى بولغان. كېيىن گېرمانىيلىك مۇللىرنىڭ تەسىرى بىلەن پىسخولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. بىر مەزگىل ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە تەسىرى زور بولغان. كېيىن ئۇ ئەنگىلىيىدە پىسخولوگىيە تەجرىبىخانىسى قۇرغان. ئۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلشى ئاقىلانىلىق بىلەن ئەمەس، تۇغما قابىلىيەت بويىچە بولغان ھاياجانلىنىش. كىشى تۇغما قابىلىيەت ئارقىسىدىلا، مۇھىتنى سېزىپ، ئىدراك قىلىپ، مۇۋاپىق ھەرىكەتلىنىپ مەلۇم مەقسەتكە يېتىدۇ، تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدا ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تۇغما قابىلىيىتى مەقسەتلىك بولغانلىقتىن، مەقسەتلىك ھاياجانلىنىش بارلىق ھەرىكەتنىڭ مەركىزى، دېگەننى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بۇ خىل پىسخولوگىيىسى مەقسەت پىسخولوگىيىسى، دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسى ئەسەرلىرى « ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە»، « پىسخولوگىيىلىك ھەرىكەت تەتقىقاتى» قاتارلقلاردىن ئىبارەت.