Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىللىي خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ
دائىرە: شىنجاڭ مائارىپىئۇنىۋېرسال ئۇقۇملار
ئاز سانلىق مىللەت بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا ماسلىشىش ئۈچۈن قۇرغان مەكتەپ قۇرۇش شەكلى. مەكتەپتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلى بويىچە سىنىپقا ئايرىلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەمۇرىيەت، خوجىلىق بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ، ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1999 - 1998 - ئوقۇش يىلىغىچە ئاپتونوم رايوندىكى مىللىي خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ 455، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپ 99، باشلانغۇچ مەكتەپ 356 بولۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ سانىنىڭ تەخمىنەن %4.5 نى ئىگەللەيدۇ. مىللىي خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ مىللىي خەنزۇ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ئۆگىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئىدىيە - ئەخلاق ساپاسىنى ۋە تەربىيە ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ھەمدە ئۆسمۈرلەرنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ <ئىككى ئايرىلالماسلىق> ئىدىيسىنى تىكلىشىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.