Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قانۇنچىلىق
ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچى - يەرلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى. <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى> دا، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قانۇندا ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغانلىقى، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىجرا قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.