Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىنىڭ خەلق قوراللىق تەشكىلاتى. بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئارىلىقتا توختاپ قېلىپ 1871-يىلى 8-ئايغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. رايون بويىچە پولك، باتالىيون، روتا قىلىپ تۈزۈلگەن. ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. باش قوماندانىنى ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن. بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە لافايېت قوماندانلىق قىلغاندا، ئوردىنى قوغداپ ۋېرسالدىن پارىژغا كۆچۈرۈپ (1789-يىلى 10-ئايدا) كەلگەن ھەمدە مارس مەيدانىدىكى ئاممىنىڭ تەلەپ قويۇش پائالىيىتى (1791-يىلى 7-ئايدا) نى باستۇرغان. لېكىن مۇتەئەسسىپ ئۇنسۇرلار تازىلانغاندىن كېيىن، 1792-يىلدىن باشلاپ پارىژدىكى ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭغا ۋە ۋاندېيە توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا پائال قاتناشقان. ناپولېئون دەۋرىدە، مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ ياردەمچى كۈچى بولۇپ، 1809، 1814-يىللاردىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان. بوربون خاندانلىقى تىرىلگەندىن كېيىن، 1827-يىلى تارقىتىۋېتىلگە. ئىيۇل خاندانلىقى دەۋرىدە قايتا قۇرۇلغان. 1848-يىل فېۋرال ئىنقىلابىغا قاتناشقان. لېكىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، پارىژ ئىشچىلىرىنىڭ ئىيۇن قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1852-يىلى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئوفىتسېرلىرىنى پۈتۈنلەي كورۇل تەيىنلىگەن. پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىغا ۋە پارىژنى مۇداپىئە قىلىش جېڭىگە قاتناشقان. 1871-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى پارىژ خەلق قوزغىلىڭىدىن كېيىن، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىگە مەركىزىي كومىتېت ۋە پارىژ كوممۇنىسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەھبەرلىك قىلغان، ئۇ مۇنتىزىم ئارمىيىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، كوممۇنىنىڭ بىردىنبىر قوراللىق كۈچىگە ئايلانغان. پارىژ كوممۇنىسىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ھەمدە پرولېتارىياتنىڭ يېڭى تىپتىكى ئارمىيىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىگەن. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن ېيىن، 1871-يىلى 8-ئايدا تىيېر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىلگەن.