Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىللىي فرونت
دۇنيا تارىخى
ئالبانىيە بۇرژۇئا مىللەتچىلىرىنىڭ كومپارتىيىگە قارشى مەخپىي تەشكىلاتى. 1942-يىلنىڭ ئاخىرى بۇرژۇئا دەللاللار گۇرۇھى ئىچىدىكى زوگۇغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، رەھبىرى مىت خات فرانشېرى. بۇ تەشكىلات مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى كەڭ كۆلەملىك سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان. 1943-يىلى 3-ئايدا كومپارتىيە ئوتتۇرىغا قويغان فاشىستلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئىتالىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى بىلەن كومپارتىيىگە قارشى تۇرىدىغان <دراماچىئو - كىلچورا كېلىشىمنامىسى> نى ئىمزالىغان. شۇ يىلى 7-ئايدا ئاشكارا خائىنلىق قىلغان. ئىتالىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، يوشۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بارغان ھەمدە گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تىرانا قاتارلىق جايلاردا كوممۇنىستلارنى ھەدەپ قىرغىن قىلغان. 1944-يىلى 6-ئايدا ئالبانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ماسلىشىپ جەڭ قىلغان، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.