Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىلجىڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۆز - ھەرىكەتنى سوزۇپ، ئىنجىقلاپ قىلىدىغان كىشى.
ئەزمىسىنى ئەزمەك. ئەزمە ئەزمىسىنى ئەزگۈچە، چاققان ئىشىنى پۈتتۈرەر. ئېزىلەڭگۈ ئەزمىدىن خاپا ئىمىش. گىجىڭ ئۇستىدىن ئىلدام گاداي ياخشى. مىلجىڭ ئادەم سۆز بۇزار، قىڭغىر ھارۋا يول. مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ، ئەزمىنى خۇدادىن بەزمە يېڭىدۇ. سۆزەلمىپالاس پايتىمىسىنىمۇ سۆرەپ يۈرىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكىتى ئاستا، قوپال.
چاققان، چەبدەس، ئەپچىل، تېتىك، ئايىغى يېنىك
ئىش - ھەرىكىتى ناھايىتى تېز، ئەپلىك.
چاققان خوتۇننى بۆشۈك تۈۋىدە كۆرۈڭ. چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى. ئەپچىلنىڭ ئىشى ئوڭ. توقسانغا كىرگەن تېتىك بولماس. ئايىغى يېنىك ئەلگە ياقىدۇ. مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ. ئاغزىڭ ئەپچىل بولغۇچە، قولۇڭ ئەپچىل بولسۇن. گىجىڭدىن قورق. ئېزىلەڭگۈ ئايىغىنى سالغۇچە، چەبدەس يۇيۇنۇپ بولار. بىجىقىم خوتۇن چاي قايناتقۇچە، چاققان خوتۇن ئاش پىشۇرار. پالاكەتنىڭ بېشى يېرىق. سۆرەلمە پالاس ئىش بۇزار. ئايىغى ئېغىر ئىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
ئەزمە. مەسىلەن:
مىلجىڭ ئادەم سۆز بۇزار،
قىڭغىر ھارۋا يول بۇزار.
مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ،
ئەزمىنى بەزمە يېڭىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بىرەر ئىشنى ئالدىرىماي قىلىدىغان، ئەزمە.
مىلجىڭ ئادەم سۆز بۇزار، قىڭغىر ھارۋا يول بۇزار (ماقال).
ئى. بىرەر ئىشنى ئالدىرىماي قىلىدىغان ئادەم.
مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ، ئەزمىنى بەزمە يېڭىدۇ (ماقال).