Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىلان قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨئەسىردە ئىتالىيىدىكى مىلان خەلقىنىڭ ئاۋسترىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرىشى. 1848-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، مىلان خەلقى ياۋروپا ئىنقىلابى ئەۋج ئالغان ۋەزىيەت ئاستىدا، ئاۋسترىيىنىڭ مىلاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلغان. پۈتكۈل شەھەردە بارىگادىلار قۇرۇلۇپ، ئىشچىلار، قول ھۈنەرۋەنلەر، ئۇششاق سودىگەرلەر، ستودېنتلارنىڭ ھەممىسى كۈرەشكە ئاتلانغان ھەمدە مىكتانىئو باشچىلىقىدا ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قۇرغنا. بەش كۈنلۈك باتۇرانە ئېلىشىش ئارقىلىق، ئاۋسترىيىنىڭ مىلاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى مىلاندىن چكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ، قوزغىلاڭ غەلىبە قازانغان. تېزلىك بىلەن ۋېنېتسىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى كۈرىشىنىڭ غەلىبىسى ۋە پۈتكۈل ئىتالىيە تەۋەسىدىكى ئىنقىلابنىڭ ئۆزلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.