Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىلان كىنەزلىكى
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى فېئودال كىنەزلىك. مىلان شەھىرىنى مەركەز قىلغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىر مىلاندا شەھەر كوممۇنىسى قۇرۇلغان. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئاپتونومىيە ئورنىنى (<لومباردىيە ئىتتىپاقى> غا قاراسلۇن) قوغداپ قالغان. 1378-يىلى ۋىسكونتى (1351 - 1402) ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن، سىرتقا قارىتا زور كۈچ بىلەن كېڭىيىپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ۋېرونا، پاروۋا، مانتويە ۋە بولۇنىيە قاتارلىق شەھەرلەرنى بېقىندۇرغان ھەمدە 1395-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى ئۇنىڭغا گېرتسوگلۇق ئۇنۋانى بېرىپ، مىلان كىنەزلىكى قۇرۇلغان. 1447-يىلى جۇمھۇرىيەت جاكارلانغان. 1450-يىلى سىفورسا (1466 - 1494) گېرتسوگ بولۇپ، مىلان كىنەزلىكىنى يېڭىۋاشتىن قۇرغان. ئىتالىيە ئۇرۇشى دەۋرىدە (1494 - 1559)، 1535-يىلى ئىسپانىيىنىڭ تەۋەلىكىدىكى زېمىنىغا ئايلىنىپ قالغان. 1713-يىلىدىكى <ئۇترېخت سۈلھ شەرتنامىسى> غا ئاساسەن، ئاۋسترىيىگە تەۋە بولغان. 1859-يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېلىنغان. 1861-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ قوشۇۋېلىنغان. 1861-يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.