Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىللەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خەلق، مىللەت:
دىن، مەزھەب:
1. سېنىڭ مىللەتىڭدىن چۇ تاپىپ شەرەف،
سەئادەت لىباسى كىيىب ئەشقىيا.
نەۋايى.
2. ئېئتىراز ئىقلىمى سارى بارماغىل كىم تەڭدۇر،
مەشرەبى ھەفتا دۇ مىللەتكە كىرگىل كەڭدۇر.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مىللەت، قەۋم؛ دىن يولى، رەسىمىي يوسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئورتاق بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان، ئورتاق بىر يەردە ياشايدىغان، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پىسخىك سۈپەتكە ئىگە، تارىخىي يوسۇندا شەكىللەنگەن، تۇراقلىق پىسخىك سۈپەتكە ئىگە، تارخىي يوسۇندا شەكىللەنگەن، تۇراقلى
بىز ئۆز مىللىتىمىزنى سۆيىمىز، بۇ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ مەنبەسىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپى.