Uyghurئاساسىي لۇغەت
لائون كوممۇنىسى
دۇنيا تارىخى
12 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى لائون شەھىرى ئاھالىسى قۇرغان شەھەر كوممۇنىسى. 1109 - يىلى لائون شەھىرى فېئودال خوجىدار گودلىغا پۇل تاپشۇرۇش يولى بىلەن، ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، شەھەر كوممۇنىسى قۇرغان ھەمدە 1111 - يىلى فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅵ نىڭ تەستىقىنى ئالغان. 1112 - يىلى گودلى ۋاپاسىزلىق قىلىپ، لائون شەھىرىنىڭ ئاپتونۇمىيە ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شەھەر ئاھالىسى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گودلىنى ۋە ئۇنىڭ يېقىن قول چوماقچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن. قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن لائون شەھىرىدە 1128 - يىلى يەنە كوممۇنا قۇرۇلغان. 1331 - يىلى فرانسىيىدە ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھاكىمىيەت يولغا قويۇلۇش جەريانىدا، فرانسىيە كورۇلى كوممۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.