Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېۋارا
دۇنيا تارىخى
(1928 - 1976) كۇبا ئىنقىلابىي رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئارگېنتىنادىكى روسارىئودا تۇغۇلغان. ئەسىلى بۇئېنوس - ئايرېس داشۆسىدە تىببىي ئىلىمنى ئۆگەنگەن. 1952 - يىلى ئوقۇشتىن قالغاندىن كېيىن، چىلى، پېرۇ، كولومبىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ چىققان. كېيىن ئارگېنتىنادا تىببىي ئىلىمنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان. 1953 - يلى يەنە بىر قېتىم ئارگېنتىنادىن ئايرىلىپ گۋاتېمالاغا بېرىپ، ئاربېنىس ھۆكۈمىتىنى قوللىغان، ياندۇرقى يىلى ئاربېنىس ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، مېكسىكىغا بېرىپ كاسترو (1926) رەھبەرلىك قىلغان سەرگەردان ئىنقىلابچىلار گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1956 - يلى ئاكا - ئۇكا كاسترو قاتارلىقلار بىلەن بىللە مېكسىكىدىن <گراما> ناملىق ساياھەت كېمىسىگە ئولتۇرۇپ كۇبانىڭ ئولەنتې ئۆلكىسىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، باتىستا مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى پارتىزانلىق كۈرىشىنى قوزغىغان، ھەربىي ئۇنۋانى مايور. 1959 - يىلى كۇبا يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كۇبا پۇقراسى دەپ جاكارلانغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۇبا دۆلەتلىك بانكىسىنىڭ باشلىقى، سانائەت مىنىستىرى، كۇبا بىرلەشكەن ئىنقىلابىي تەشكىلاتى مەملىكەتلىك رەھبەرلىك كومىتېتى سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرىتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1960 - يىلدىن باشلاپ، <پارتىزانلىق مەركىزى> نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1965 - يىلى كۇبادىكى ئەمىلى ۋە ھەربىي تەۋەلىكى، ھەربىي ئۇنۋانىدىن ئىستىپا بەرگەن ھەمدە كۇبا دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچكەن. ئاۋۋال ئافرىقىدىكى زايىرغا بارغان، كېيىن بولىۋىيىگە كىرىپ <پارتىزانلىق مەركىزى> تەشكىلاتى قۇرۇپ، قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1967 - يىلى، جەڭدە يارىدار بولۇپ، بولىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ <پارتىزانلىق ئۇرۇشى>، <كۇبا ئىنقىلابىي ئۇرۇشىدىن ئەسلىمىلەر>، <چى. گېۋارانىڭ بولىۋىيىدىكى كۈندىلىك خاتىرىلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.