Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېنويە يىغىنى
خەلقئارا يىغىنلار
1917 - يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى كاپىتالىزم دۇنياغا خوجا بولىدىغان ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر بۇنىڭغا چىش - تىرنىقى بىلەن غەزەپلىنىپ، تىل بىرىكتۈرۈپ سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق ئارىلاشتى. لېكىن، قىسقىغىنە بىرقانچە يىلدىن كېيىنكى1922 - يىلى4 - ئايدىن5 - ئايغىچە چىشىنى بىلەپ تۇرغان ھەم زادىلا چىقىشالمايدىغان ئىككى تەرەپتىكى34 دۆلەت ئىتالىيىنىڭ گېنويە (ژېنوۋا) شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلدى.
ئەسلىدە جاھانگىرلارنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشى ياش سوۋېت روسىيىسىنى ئاغدۇرۇۋېتەلمىدى، لېكىن ئۇلار نەزىرىنى سوۋېت روسىيىسىدىن ئىبارەت بۇ بىپايان بازارغا تىكىپ، سوۋېت روسىيىسى بىلەن تىجارەت قىلىشقا تەقەززا بولدى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش بۇزغۇنچىلىقىنى يەتكۈچە تارتقان سوۋېت روسىيىسى ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرىقى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىمۇ تىرىشىپ ياخشىلاش مەقسىتىدە، ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش پرىنسىپىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر يەرگە كېلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى.
يىغىندا ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ياۋۇز نىيىتىدىن يانماي، سوۋېت روسىيىسى چارروسىيە ۋاقتىدىكى قەرزىنى تۆلىشى كېرەك دېگەندەك بىرمۇنچە نامۇۋاپىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوۋېت روسىيىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە داۋاملىق تالان - تاراج قىلماقچى بولدى. بۇنى سوۋېت روسىيىسى ۋەكىللىرى قەتئىي رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن يىغىن ھېچقانداق بىۋاسىتە ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدى. لېكىن، كاپىتالىستىك دۆلەتلەر ئارىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت ئىدى.1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان گېرمانىيە يىغىنغا قاتناشقان بولسىمۇ، ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ بېسىمى ۋە سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلدى. سوۋېت روسىيىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ پەيتنى قولدىن بەرمەي، يىغىن سىرتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى،1922 - يىل4 - ئاينىڭ16 - كۈنى گېرمانىيە بىلەن «راپاللو شەرتنامىسى» ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت تەمىناتى بېرىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي باردى - كەلدىسى قويۇقلىشىپ، كاپىتالىزمنىڭ سوۋېت روسىيىسىنى يېتىم قالدۇرىدىغان بىرلىك سېپى بۇزۇپ تاشلاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كاپىتالىستىك دۆلەتلەر سوۋېت روسىيىسى بىلەن كەينى - كەينىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.
دۇنيا تارىخى
<گېنويە خەلقئارا ئىقتىساد يىغىنى> دەپمۇ ئاتىلدۇ. 1922 - يىلى4 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنىگىچە ئىتالىيىدىكى گېنويەدە ئۆتكۈزۈلگەن.ئۇنڭغا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە، ياپونىيە قاتارلىق 29 دۆلەت قاتناشقان. ئامېرىكا كۆزەتچى ئەۋەتىپ سىرتتىن قاتناشتۇرغان. يىغىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كاپىتالىزم ئومۇنىي كرىزىسى يۈز بەرگەن ۋە جاھانگىرلارنىڭ سوۋېت روسىيىسىگە قىلغان قوراللىق مۇداخىلىسى مەغلۇپ بولغان ئەھۋالدا، ئەنگلىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چاقىرىلغان. جاھانگىر دۆلەتلەر يىغىن ئارقىلىق <خەلقئارا ھەمكارلىق>نى كۈچەيتىپ، <روسىيە مەسىلىسى>نى ھەل قىلماقچى بولغان؛ سوۋېت روسىيىسى پولشا يىغىن ئارقىلىق خەلقئارالىق ئۇرنىنى پاخشىلىماقچى ھەمدە كاپىتالىستىك دۆلەتلەر بىلەن نورمال سود مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تېزلەتمەكچى بولغان. يىغىن مەزگىلىدە، جاھانگىر دۆلەتلەر سوۋېت روسىيىسىدىن چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەرزىنى تۆلەپ بېرىشنى، مۇسادىرە قىلىنغان چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە مال ۋە مال - مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى، تاشقى سودىنى مەخسوس باشقۇرۇش تۈزۈمىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان. سوۋېت روسىيىسى ۋەكىلى يۇقىرىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرقايسى دۆلەتلەر قوراللىق مۇداخىلە قىلىش ئارقىسىدا پەيدا بولغان زىياننى تۆلەپ بېرىش تەلىپىنى ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى ئازايتىش تەكلىپىنى قويغان، نەتىجىدە ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان. ئاخىرىدا يىغىننى گائاگادا داۋاملاشتۇرۇش قارار قىلىنغان. يىغىن داۋامىدا سوۋېت روسىيىسى گېرمانىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا <راپاللو شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان.