Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېنرو
دۇنيا تارىخى
1892 - 1940 - يىللاردا ياپونىيە تېننوسىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىدىكى ئەڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىرى. 1892 - يىلى 8 - ئايدا، ماتسۇكاتاماسايوشى كابېنتى ئىستىپا بەرگەن چاغدا تېننو مىيجى ئىتو ھىروبۇمى، كۇرو داكىيوتاكا، ياماگاتائارىتوموقاتارلىقلارنى چاقىرىپ، كېيىنكى باش ۋەزىر نامزاتىنى مەسلىھەتلەشكەن.بۇ ئىش مۇشۇ تۈزۈمنىڭ رەسمىي باشلىنىشى بولۇپ قالغان. قاتناشقۇچىلار كېيىن ماتسۇكاتاماسايوشى، ئىنوۋى كائورو، سائىگوتسۇگومىچى ئويامائىۋائولەرگىچە كېڭەيتىلگەن. 1901 - يىلى يەنە كاتسوراتارومۇ قاتناشتۇرۇلغان ياپونىيە - ئەنگلىيە ئىتتىپاقى، ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى قاتارلىق مۇھىم سىياسىي تەدبىرلەردە رول ئوينىغان. 1914 - يىلى كونا كىنەزلىكتىن كېلىپ چىققان سايئونجى كىمموچىمۇ بۇ ئىشقا قاتناشقان. بۇ مەزگىلدە گېنرولار كەينى - كەينىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، 1924 - يىلى ماتسۇكاتا ئۆلگەندىن كېيىن پەقەت سايئونجى بىر كىشىلار قالغان. 1940 - يىلى 7 - ئايدا، يونائى كابىنتى ئىستپا بەرگەندىن كېيىن، سايئونجى كېيىنكى باش ۋەزىر نامزاتىنى قايتا كۆرسەتمىگەن. 11 - ئايدا، سايئونجى ئۆلگەندىن كېيىن، بۇ تۈزۈم ئۆزلۈكىدىن ئاخىرلاشقان.