Uyghurئاساسىي لۇغەت
لائېرمانىس
دۇنيا تارىخى
(1864-1940) بېلگىيىلىك رەسسام ۋە نەققاش. بريۇسسېلدا تۇغۇلغان. بريۇسسېل سەنئەت ئىنستىتۇتىدا رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ ئىپادىلەشتىكى مۇبالىغىلەشتۈرۈش ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، قېنىق رەڭلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق نامرات خەلقلەر،بۇلۇپمۇ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى، خىزمىتى، ھېسسىياتى ۋە يېزا مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلىگەن. ئەسەرلىرىدىن <ئۆلۈك ئادەم >،<گەرەتكە ئوينىغۇچى ئادەم> قاتارلىقلار بار.