Uyghurئاساسىي لۇغەت
لائۇرىئېر
دۇنيا تارىخى
(1841 - 1919) كانادا زۇڭلىسى (1896 - 1911)، لىبېرالىستلار پارتىيىسى رەھبىرى. فرانسۇز ئەۋلادى بولغان كانادالىق. مىگېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن. ئادۋوكاتلىق قىلغان. 1874 - يىلدىن باشلاپ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، باج ئىشلىرى مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. زۇڭلى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ئەسكەر ئەۋەتىپ ئەنگلىيەنىڭ بۇرلار بىلەن بولغان ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن، چوڭ قۇرۇقلۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئىككىنچى تۆمۈريولنى ياسىتىپ، غەربىي رايوننى ئاچقان. ئامېرىكا بىلەن ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، كانادانىڭ ئەنگلىيەگە نىسبەتەن مۇستەقىللىكىنى كۈچەيتكەن.