Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىتائىكى
دۇنيا تارىخى
(1883 - 1937) ياپونىيىلىك فاشىست نەزەرىيىچى. ئەسلى ئىسمى كىتا تېرۇجىرو. ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىرتتىن ئاڭلىغۇچى ئوقۇغۇچىسى. 1906 - يىلى <دۆلەت تۈزۈلمىسى نەزەرىيىسى ساپ سوتسىيالىزم> دېگەن ئەسىرىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن نەشىر قىلدۇرغان. 1911 - يىلقى جۇڭگو شىنخەي ئىنقىلابىي ۋاقتىدا جۇڭگوغا كېلىپ سۇڭ جياۋرىن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن يېقىنلاشقان. 1319 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1916 - يىلى جۇڭگوغا يەنە كېلىپ، شاڭخەيدە <ياپونىيىنى ئۆزگەرتىش قانۇن لايىھىسى پروگراممىسى> دېگەن ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە فاشىستىك ئەسىرىنى يازغان. 1920 - يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ، ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ، يۇزۇڭشا ۋە شىكدىشا دېگەن ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنى قۇرغان. 1931 - يىلى مارت ۋەقەسى ۋە ئۆكتەبر ۋەقەسىنى پىلانلاشقا قاتنىشىپ، تېننو تۈزۈمىدىكى ھەربىي فاشستىك ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن. 15 - ماي ۋەقەسىدە ئۇ، ئوكاۋاشۇمېي، تاچىبانا كوزا بۇرولار بىلەن بىللە <ئۈچ چوڭ تېررورچى> دەپ ئاتالغان. 26 - فېۋرال ۋەقەسىدە ئۇ پەردە ئارقىسىدىكى داھىي سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىپ، 1937 - يىلى 8 ـ ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن ئۈچ توملۇق <كىتائىكى ئەسەرلىرى توپلىمى> نەشىر قىلىنغان.